ᴹⁱⁱˢ ʸᴼᵘ ᴺᵁᴿ
گۈل بېغىڭنىڭ ئىچىدە
ھەريان قاراپ سايرايمەن جېنىم
سەن يارىمنىڭ ئۈنى كەلسە
ھەيران بولۇپ قارايمەن جېنىم
ئاسماندىكى ئايىم سەن
كۆڭلۈمدىكى يارىم سەن
مىنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرگەن
سەن مىنىڭ نىگارىم سەن
بۇلبۇلۇڭ بولاي
شېخىڭغا قوناي
كۆيۈشكەن يارىڭ يارىڭ بولمىسا
مەن يارىڭ بولاي
مەن يارىڭ بولاي
يارىڭ مەن بۇلاي
بۇ گۈزەل گۈلباغ ئارا
گۈلگە تولغان باغ ئارا
بۇلبۇلۇڭ تەشنا ساڭا
گۈلدەستىدە غۇنچە ئارا
ئاسماندىكى ئايىمسەن
كۆڭلۈمدىكى يارىمسەن
كۆڭلۈمدىكى يارىمسەن
مىنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرگەن
سەن مىنىڭ نىگارىمسەن
بۇلبۇلۇڭ بولاي
شېخىڭغا قوناي
كۆيۈشكەن يارىڭ يارىڭ بولمىسا
مەن يارىڭ بولاي
مەن يارىڭ بولاي
يارىڭ مەن بۇلاي
باغ ياسا گۈل باغ ياسا
گۈلگە تولغان باغ ياسا
قالمىسۇن گۈل چېخىدە
گۈل چېھرى ئايدەك سەن ياشا
گۈل چېھرى ئايدەك سەن ياشا
گۈل چېھرى ئايدەك سەن ياشا
Esraaaaa:我的嗓子只配做核酸
账号已注销:这个女孩子得嗓子被上帝吻过,我的嗓子被狗啃过
布麦尔雅穆:我奶奶快90岁,还会在家唱这首歌,所以,我听了有点想哭
即兴913:2024谁在听
尚香XiAnG-:2025第一位听众!
