歌 词
كۆرسەتمەڭلا ماڭا تولا ياشاش يولىنى
يولۋاس ماڭغان تاغلاردىمۇ مېڭىپ باققانمەن
ھە دىسىلا ئۆلۈم بىلەن قورقاق سالماڭلار
ياشاش ئۈچۈن مىڭ تىرىلىپ ،ئۆلۈپ باققانمەن
بىر جېنىمنى مىڭ پارچىغا بۆلۈپ باققانمەن
بىر نى سەكسەن دىسەڭلار سىلەرنىڭكى راس
قورۇقمايمەن قاراڭغۇدا يىگانە قالسام
بارىغىمۇ ، يوقىغىمۇ كۆنۈپ باققانمەن
دىلىم رەنجىش ، يارىدار لىقكى چىگىشلەر
ھەتتا چوغنى لىۋىم بىلەن سۆيۈپ باققانمەن
ئامەتكىمۇ ، تەلەيگىمۇ ئىشەنچ قىلمايمەن
چۈنكى تالاي قېينلاردا كۈتۈپ باققانمەن
مىڭ تەشەككۈر كۆرسەتكەن يوللىرىڭلارغا
دارغا ئوخشاش كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ باققانمەن
چۆچۈمەيمەن كىملەردىندۇر كەلسە يامانلىق
چاياننىڭمۇ ئىسىدە قونۇپ باققانمەن
مەن ئۆزۈمنى پاك دەمدىم جار سالغىنىم يوق
خاتالارنىڭ رېتىدىمۇ تۇرۇپ باققانمەن
查看完整歌词
网友热评
