Oynaydighatalabarmu何处去玩_Ablajan_Awut_Ayup

男歌手相关歌手主页:Ablajan_Awut_Ayup

 
歌 词

作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
编曲 : Ablajan Awut Ayup
ئوينايدىغان تالا بارمۇ
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1.بۆلەك :
مەمەجاننىڭ نېمىسى بار،
مەرەپ تۇرغان ئۆچكىسى بار.
مۈڭگۈزلىرى نەيزىدەك،
ساقاللىرى مەزىندەك.
تۇياقلىرى چۆيۈندەك،
قوڭغۇراقلىق سەركىسى بار.
جېرىڭ-جېرىڭ قوڭغۇراق،
تاغقا ماڭدى ئون ئوغلاق.
ئۆچكىلەرنىڭ سەكرىشىپ،
ئوينايدىغان چوققىسى بار.
مە،مە،مە،مە
تاغ ئۈستىگە چىققۇسى بار.
گۈس-گۈس-گۈس،تاق-تاق،
بىر-بىرىنى ئۈسكىسى بار.
تىككى-تىككاڭ تاقلىشىپ،
تاشتىن-تاشقا ئاتلىشىپ،
مۈڭگۈزىنى چاقلىشىپ،
تىك چوققىغا يەتكۈسى بار.
ئوغلاق باشلاپ مەمەجان،
ساي-سايلاردا يۈرگۈسى بار.
يىراقلارنى كۆرگۈسى بار،
بۇلۇتلارنى سۆيگۈسى بار.
ئۆچكىلەرنى ساغقۇسى بار،
تاقىراق-تاقىراق چاپقۇسى بار.
ئاشۇ تاغدا تۇلپارنىڭ،
يوغان-يوغان تاقىسى بار.
بار،بار،بار،بار
قايتارما:
ئاق تاش كۆك تاش،
دەريا بويى سۈزۈك تاش.
سىنىڭ بىلەن مەن ئاداش،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ.
ئوينايدىغان بالا بارمۇ،
مۆرەيدىغان كالا بارمۇ.
چۆمىلىدىغان سۇلار بارمۇ،
دۈپۈر دۈپۈر ئاتلار بارمۇ.
ئوينايدىغان بالا بارمۇ.
ئوينايدىغان بالا بارمۇ.
2.بۆلەك :
ھېيتلىشايلى ئۆيلەرگە،
مەڭىز يىقىپ يۈزلەرگە.
بىرىپ قالساق قەشقەرگە،
سالىدىغان ساما بارمۇ.
ئوڭ يېنىمدا قاراقاش،
سول يېنىمدا يۈرۈڭقاش.
چىمەن دوپپا سۇمبۇل چاچ،
قىشىمىزغا ئوسما بارمۇ.
ھەممە يەرنى ئارىلىدىم،
گىپى بار دەپ ئاڭلىدىم.
بۈگۈن سورۇن بولدى تەييار،
سۆزلەيدىغان بالا بارمۇ.
سالام ئايەم ئەھلى،
مەن بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەي:
ئويۇنخۇمار بالىمەن،
كۆپ ئويۇننى بىلىمەن،
تاپشۇرۇقلۇرۇم بەك تولا،
قاچىدىغان بانا بارمۇ.
قاچىدىغان بانا بارمۇ.
بۇنداق ئېغىر سومكا بارمۇ،
بۇ دەردىمگە دەۋا بارمۇ،
ئېيتىڭ بىزدە گۇناھ بارمۇ.
ھەممە يەردە ماشىنا،
ھەممە يەردە ئۆي بېنا.
كەچتە قېنى يۇلتۇزلار،
ئوينايدىغان تالا بارمۇ.
ئوينايدىغان تالا بارمۇ،
سۇدا سۈزۈك شولا بارمۇ،
كېپىنەكلەر قوغلاشقان،
گۈل ئېچىلغان دالا بارمۇ.
ئۆزۈم كىچىك ئېيىقمەن،
سۇدىن سۈزەي بېلىقمەن.
قىش ۋاقتىدا ئۇخلاشقا،
پاتىدىغان كامار بارمۇ.
تېپىدىغان خامان بارمۇ،
يۇمىلايدىغان سامان بارمۇ.
يايرايدىغان-سايرايدىغان،
بىزگە كەڭرى جاھان بارمۇ.
ئوينايدىغان تالا بارمۇ،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ.
قايتارما:
كەلدى ئايەم،كۈلدى ئالەم،
ئىشنى قايتا باشلايلى.
ھە باشلايلى باشلايلى.
بۈگۈن ئايەم كۈلدى ئالەم،
بۈگۈن ئايەم كۈلدى ئالەم،
ئەيىپ بولسا تاشلايلى،
ھە تاشلايلى تاشلايلى.

查看完整歌词
网友热评

RaZi__FoX:مەنئابلاجاننىڭناخشىسىنىڭھەممىسنىشۇنداقياقتۇرمەنشۇخھەمجانلىقئاڭلىغانسىرىئاڭلىغىمكىلدۇ

账号已注销:小学时代很火的歌,2011年左右吧

gulistan1212:ئاقتاشكۆكتاش،دەريابۇيىسۇزۇكتاش،

账号已注销:wǒbúxìnnǐhuìzhèmēwúliáodēbǎwǒzhèjùhuàdúyíbiàn.rúguǒnǐzhēndēdúlē.wǒzhǐxiǎnggàosùni.qǐngdiǎnzàn

钻石王牌1802:ياخشىئتىپسىز

记住我们的网址,手机上也能免费听歌哦(歌词曲库网 www.geciquku.com)

扫描右侧二维码手机上听Ablajan_Awut_Ayup的Oynaydighatalabarmu何处去玩

扫一扫二维码