Untumaymen_NBR,DOUBLE_X

乐队组合相关歌手主页:NBR DOUBLE_X

 
歌 词

作词 : NBR
作曲 : 97Virus
封面:Number
锁混:Number
hook
ئۇنتۇمايمەن ، ھاياتىمدىكى ئاشۇ دەقىقىنى
دەل مۇشۇ جايدىن تاپقان مەن خۇشاللىقتىكى ھەقىقىنى
ياپيېشىل مەيداننى ، خىلۋەت سىنىپلارنى
ياشلىقىمغا بېرىمەن ، چىن يۈرەكتىن سالىمىمنى
X2
كېچىدە گەپ سېتىپ دائىملا كەچ يېتىپ ، ئەتىسى ئالدىراپ يۈگرەشكە
. بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى سائەتتە ئارانلا تۇرىمىز مۈگدەشكە
ئۇيقۇدا بىر نەرسە نوقۇدى بېشىمنى مۇئەللىم جىلە بولۇپ تۇر دەيدۇ
خۇيۇمنى تۇتقۇزۇپ شەپكەڭنى ئال دەيدۇ جوزىغا بېشىڭنى ئۇر دەيدۇ
ئاددىيلا تەنەپپۇس مەشرەپ، تولۇقتا قاۋاقتەك بولىدۇ مەكتەپ
خېنىم سۈپەت بىر ساۋاقدىشىم بار ، ئوغۇللار چاقچاق قىلىپ ئايرىتى يەكلەپ
مەيداندا بەك رومانتىك تېخى تۈنۈگۈن ئارىلاشقان بىر جۈپلەر
قوش ئون بىردە ئايرىلىپ تاق بولۇپ ، يانچۇققا تولىدۇ كەمپۈتلەر
ئۇنتۇمايمەن ئاشىق مەشۇق بايرىمىدا گۈل بىلەن قىز دوستقا سوۋغات ئالغاننى
يەنە باشقا بىرسىگە قانات سۆرەپ سەتلىشىپ تۇتۇلۇپ قالغاننى
مۇئەللىم سۆزلەيدۇ ، ئۆزىگە ھەمىشە يەتتىنچى سائەتلىك دەرستە
ھەممىنىڭ كۆزى دوسكىدا ئەمما ئۇنىڭ توققۇزى خىيالى ئەرىشتە
سىنىپنىڭ ھەيىتى ئاقمايدۇ بالىلار بەكلا قارام
سوقۇشۇپ قالسىغۇ بولدى بۇ بالىلار بىر بىرىدن قان قىزىق بەكلا ساراڭ
مەكتەپنى ئەركىنكە دەپ قالما بىزگە ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى با
مەيداندا بىرلىكتە توپ تېپىدۇ يەنە تەنتەربىيە باشلانسىلا
hook
ئۇنتۇمايمەن ، ھاياتىمدىكى ئاشۇ دەقىقىنى
دەل مۇشۇ جايدىن تاپقان مەن خۇشاللىقتىكى ھەقىقىنى
ياپيېشىل مەيداننى ، خىلۋەت سىنىپلارنى
ياشلىقىمغا بېرىمەن ، چىن يۈرەكتىن سالىمىمنى
X2
V2
ئوقۇش ياردەم پۇلى چىققاندا ، ئۇ چاغدا بەگزادە بىز
ئىقتىساد تۈگىگەندە بېشىمىز چۆگىگەندە تىقىپلا ئەپكىرىمىز مال ساتىمىز
تولۇقسىزدا قورقماي چېكىتۇق تولۇققا چىققاندا خائىن بار لېكىن
ئۇقمايلا قالىمىز تۇتۇلۇپ قالىمىز ، ئارقىمىزدا مۇئەللىم بار
تازىلىققا ئۆچ بولساڭ ، تازلىق باشلىقى بول تازىلىق قىلمايسەن
سەن بۇيرىيسە گېپىڭگە ئۇنىمىسا ئاقسالىق قىلىپ تىللايسەن
ئۇزاققا بارمايدۇ چۈشۈرۋېتىمىز كېبىرلىك بولۇپ كەتكەن ھەيئەتنى
مەكتەپتە جىق بالىلار چۈشەنمەيدۇ بۇ hip hop دېگەن سەنئەتنى
تاماق ۋاقتىدا يۈگرەيدۇ ئاشخانىغا ئۆچرەت تەگمەيدۇ دەپ
ئۈچ تۆت قىزلار يىغىلىپ قالسا ، ئايىماي قېلىپ قويدۇ غەيۋەتنى
كەچلىك تەكرار قىزىپ كېتىدۇ ۋاراقچى ئاسماندا ئۇچىدۇ
كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ چېنىۋامايدۇ بۇ بالىلار غەلبىدە زەپەر قۇچىدۇ
تاپشۇرۇق جىق كۆچۈرۈپ ئۈلگۈرمەيمىز سۈيلەپ كەلگەندە
مۇئەللىم قاقشايدۇ خاتاسىمۇ ئوخشاش چۈنكى بىز كۆچۈرۈپ بەرگەندە
مەنىلىك ئۆتىدۇ كۈنلەر ئەمما ئۇلۇشۇپ قالدۇق ئىمتىھانغا
مەكتەپ پۈتسە كۆرۈشىمىز يەنە ساۋاقداشلار يىغىلىشى بار
hook
ئۇنتۇمايمەن ، ھاياتىمدىكى ئاشۇ دەقىقىنى
دەل مۇشۇ جايدىن تاپقان مەن خۇشاللىقتىكى ھەقىقىنى
ياپيېشىل مەيداننى ، خىلۋەت سىنىپلارنى
ياشلىقىمغا بېرىمەن ، چىن يۈرەكتىن سالىمىمنى
X2

查看完整歌词
网友热评

NBR-Number:KimnigGuzelMektepHayatiOtmigan?!

DOUBLE-X最牛逼:想念高中时代啦啦啦

账号已注销:untunaymanhayatmedekixudakekini

x586-2024:大学都快毕业了,还是觉得高中最好

账号已注销:想念学生时代

记住我们的网址,手机上也能免费听歌哦(歌词曲库网 www.geciquku.com)

扫描右侧二维码手机上听NBR,DOUBLE_X的Untumaymen

扫一扫二维码