BaliningGhimi_Abdukerim_Abliz
作词 : Mutallip Iskandar Farabi
作曲 : Mutallip Iskandar Farabi
بالىنىڭ غېمى
ئاتا-ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالام بولسا دەپ ئويلار ئىكەنمىز
بىر چاغ بالىلىق بولار ئىكەنمىز
شۇنىڭدىن باشلاپ بالىنىڭ غېمى
بىر چاغ بالىلىق بولار ئىكەنمىز
شۇنىڭدىن باشلاپ بالىنىڭ غېمى
♬
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالا غېمىدە يۈرەر ئىكەنمىز
بالا غېمىدە يۈرەر ئىكەنمىز
جەۋىر سال ياش تۆكەر ئىكەنمىز
بالىدىن ئىنساب كۈتەر ئىكەنمىز
ماداردىن بۇرۇن كىتەر ئىكەنمىز
ئولتۇرساق قوپساق بالىنىڭ غېمى
تاپقىنىڭ قېنى، يىغقىنىڭ قېنى
سورىمايلا قوي بالىنىڭ غېمى
♬
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالام دەپ نى كۈن كۆرەر ئىكەنمىز
شۇ غەمدە بىر كۈن كىتەر ئىكەنمىز
كۆز يۇمۇلغىچە بالىنىڭ غېمى
شۇ غەمدە بىر كۈن كىتەر ئىكەنمىز
كۆز يۇمۇلغىچە بالىنىڭ غېمى
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالا غېمىدە يۈرەر ئىكەنمىز
بالا غېمىدە يۈرەر ئىكەنمىز
جەۋىر سالسا ياش تۆكەر ئىكەنمىز
بالىدىن ئىنساب كۈتەر ئىكەنمىز
ماداردىن بۇرۇن كىتەر ئىكەنمىز
ئولتۇرساق قوپساق بالىنىڭ غېمى
ياشلىقىڭ قېنى، شوخلۇقۇڭ قېنى
سورىمايلا قوي بالىنىڭ غېمى
تاپقىنىڭ قېنى، تۆككىنىڭ قېنى
سورىمايلا قوي بالىنىڭ غېمى
账号已注销:怎么是vip?
gulnur9949:很喜欢这首歌
不想起原来的网名了:yaxangakayaxang~apambakamrahbunahxiha~rahmat
账号已注销:我特别喜欢
用户1783685206:你写的歌太好听
